4 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى خاتىرلىدى
2007.07.05
ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىدىن ۋە كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى لېيىك ئاكۇتنىك سەيلىگاھىغا يىغىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى قۇتلاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت مابەينىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى شەرھىلىدى.
دالا سەيلىسىدە سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈشنىڭ تولىمۇ مۇھىم بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقان بىر پەيتتە ، ۋەتەن سىرتىدىكى ھۆر ئەللەردە ياشاۋاتقان كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باشچىلىقىدا ئامېرىكىنىڭ مۈستەقىللىق بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىققە بولغان ئىنتىلىش ۋە ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)