بۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا رابىيە خانىم سۆز قىلدى

بۈگۈن 2008 ‏- يىل 6 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىناسىنىڭ شىمالىدىكى باغچىدا 1989 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم سۆز قىلدى.


  رابىيە خانىم سۆزىدە، بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى ئىپادىلىگەن خەلقنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، دىنىي ئەركىنلىكىنى، تۇغۇش ئەركىنلىكىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنىڭ نامىنى ئۆز تىلىدا ئىپادىلىگەنلا بولسا، ھەر خىل باھانە بىلەن سىياسىي دېلو تۇرغۇزۇپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى چۇقۇم دېكتاتۇرلىقى بىلەن مەغلۇپ بولىدۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقى چۇقۇم تىنچلىق بىلەن غەلىبە قىلىدۇ، دەپ خىتاپ قىلدى.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org