مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىنىڭ 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىكى پاجىئەسى


2008-02-07
Share

1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىلىدە تېررورلۇق ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى قانلىق باستۇرۇلۇش ۋە تۇتقۇنغا دۇچ كىلىپ ھەتتا ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ قورقماي ئولتۇرالمايدىغان ھالەتكە يەتتى. بارلىق ئۇيغۇرلار قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە زەربە بېرىش ئوبىكتىغا ئايلانغانىدى ،كوچا -كويلاردا ئەركىن يۈرۈش قاتتىق چەكلەندى، توپلىشىپ تۇرۇپ قالغان بىگۇنا ئۇيغۇرلار قولغا ئېلىنىپ تۇرمىلارغا تاشلاندى.كۈندىلىك خىزمەت،تىجارەت،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ھۆكۈمەت ئالاقىلىرىدا ئۇيغۇرلار ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىلدى ۋە خورلاندى. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى بىرى ئارقىلىق ئونغا ئىبرەت قىلىش ،مىڭى خاتا ئولتۇرۇلسە ئولتۇرۇلسۇنكى ، بىرسى توردىن تىرىك قېچىپ كەتمىسۇن دېگەندەك دەھشەتلىك سىياسىي باستۇرۇشلارنى كەينى-كەينىدىن ئىجرا قىلىپ ئۇيغۇرلارغا تىنغۇدەك ئاراملىق بەرمىدى.

مۇشۇ قاتاردا ۋەتەن ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە نورمال تىجارەت بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقانلار،پاكىستان،مىسىر قاتارلىق جايلاردا دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش پىلانىدىن چەتتە قالالمىدى. جۇملىدىن مۇھەممەت ئاكا ئائىلىسىدىكى 5 ئوغۇلنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان زۇلپىقار شېھىت قىلىندى، ئوتتۇرانچى ئوغۇللاردىن بولغان خەمىتكە 2 يىل كىچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىندى،سەيدىئەھمەت 5 يىل تۈرمىدە ياتتى. بۇ بالايى ‏- ئاپەتتىن ئامان قالغان قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستاندا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىمىن ھاجى بىلەن تەلەت ھاجى يۇرتى غۇلجىغا قايتالماي ، 1995-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالىي كومىتېتى ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىپ نورۋىگىيىگە كىلىپ 10 يىللاردىن بېرى ئاتا-ئاتا ،ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي مۇساپىرلىق ھاياتىنى داۋام قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەلەت ھاجىم بىلەن بولغان سوھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلىيالىيالسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت