ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ5 - فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
2008.02.05
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ئويۇشتۇرۇشىدا، -5فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيا، مەرىيلەند، نىيۇجېرسىي شتاتلىرى ۋە ۋاشىنگىتون ھەمدە نيۇيورك شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار شۇنىڭدەك فالۇنگۇڭ ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
-5 فېۋرال سەيشەنبە ۋاشىنگىتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ئۈچتە باشلانغان بۇ نامايىش ئۈچ سائەتچە داۋاملاشتى.
نامايىش داۋامىدا رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدە، غۇلجا ياشلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تىنچلىق نامايىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ياد ئېتىش ۋە ھازىرغا قەدەر تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، قېيىن - قىستاققا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى ۋە "خىتاي ئىلى قىرغىنچىلىقىدىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بىز بۇ قانلىق باستۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى5 - فېۋرال ۋەقەسىدە ئۆلتۈرگەن، تۈرمىگە تاشلىغان ھەمدە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە ئۇيغۇرلارغا ھەمدە دۇنياغا جاۋاب بەرمىگىچە، بىز بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىمىزنى توختاتمايمىز "دەپ تەكىتلىدى.
نامايىشچىلار "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختات "، "خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بەر"، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك، دېموكراتىيە، تىنچلىق كېرەك" دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەر، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇ كۈندە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش ۋە باشقا ئوخشىمىغان شەكىللەردە " غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى"نى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، 5 - فېۋرال كۈنىنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، نامايىش ۋە تۈرلۈك شەكىللەردىكى يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خاتىرىلىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەشكە تەييارلانماقتا
- يېڭىسار ناھىيىسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى قۇربان ھېيت كۈنى يىغىۋېلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى
- د ئۇ ق خىتاينى، " ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالماقتا،" دەپ ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە ئېلىش ئىشلىرى مەۋجۇت
- ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئەرزدارلار باستۇرۇلماقتا
- ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى تۇرپاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى يوشۇرماقتا
- تۇرپاندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر نامايىش قىلدى
- د ئۇ ق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى نامايىشقا تەشكىللىدى
- "1 - ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاپلىق تارىخىنىڭ باشلانغان كۈنى"
- خىتاي 5200 نەپەر "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" تەربىيىلىدى
- خىتاي، 1 - ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا دۇچ كېلىدۇ









