ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەشكە تەييارلانماقتا


2008.02.02

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، 1997‏- يىلى 5‏- فېۋرال كۈنى يۈزبەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997‏- يىلى 5‏- فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن غۇلجا شەھىرىدە تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، باستۇرۇش جەريانىدا ۋە باستۇرۇشنىڭ ئالدى كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 3‏- 4‏- ۋە 5‏- فېۋرال كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا بىر تۇتاش نارازىلىق نامايىشلىرى شۇنىڭدەك غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، مەركىزى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى ۋەكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە 3‏- فېۋرال كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن. ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، 5‏- فېۋرال كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى خىتاي باش ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5‏- فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدە يۈزبەرگەن ۋەقەدە 10 كىشى ئۆلگەن. لېكىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مەزكۇر ۋەقەدە ئەڭ ئاز ئىككى يۈز كىشىنىڭ نەق مەيداندا خىتاي ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە مىڭلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەردىكى قيىن - قىستاقلاردا ئۆلگەن، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.