خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتمەكتە


2005.09.07

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنىڭ ئالدى- كەينىدە، تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا دەم ئېلىشقا رۇخسەت بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى ياڭ گاڭ سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان جەمئىيەت مۇقىملىق يىغىنىدا بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان.

ياڭ گاڭ سۆزىدە، "دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى پىلان باسقۇچىدىلا يوقىتىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىشىمىز، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك" دېگەن. ئۇ يەنە بۇ جەرياندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن كىملىك كىنىشكىسى يوق كىشىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تازىلاش، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەر ئۈستىدىن نۇقتىلىق نازارەت قىلىش، ئاممىۋى ئەرز سۇنۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق تەبرىك پائالىيەتلىرىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالاھىدە كۈچەيتمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنىڭ "توقماق ئاستىدىكى تەنتەنە" بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.