خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسى بىروسىنىڭ دائىمى ئەزاسى لو گەن باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندا، يەرلىك دائىرىلەر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىشكە سەپەرۋەر قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن ئىسمايىل ئەمەت ۋە ئابلەت ئابدۇرىشىتلارغا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدىن ئورۇن بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1955 - يىلدىكى قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دوڭ بىۋۇ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يوللىغان. ئاپتونوم رايوننىڭ 30 يىللىقىغا 50 - يىللاردا ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى باستۇرۇش بىلەن نام چىقارغان ۋاڭ جېن ئەۋەتىلگەن ئىدى.
بۇ قېتىم مەركىزى ۋەكىللەر ئۆمىكى لو گەننىڭ باشچىلىقىدا كەلدى. لو گەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇن ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئۇ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ" نى " باش كۆتەرگەن ھامان يوقىتىش،" " بۆشۈگىدە ئۇجۇقتۇرۇش" سىياسىتىنى قوللىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7 - ئايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" نى باستۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇردى. دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ 50 يىللىقنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)