بايىنغولىندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۇيغۇر كادىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى


2005.09.26

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باينغۇلىن ئوبلاستىدىكى كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپ، يېقىندا نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى.

خەلق ئىچىدە مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا ھەر خىل مىش - مىش گەپلەر تارقالغان. ئەمما دائىرىلەر مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىگە ھازىرغىچە رەسمى ئېنىقلىما بەرمىدى.

مۇتەللىپنىڭ ئۆلۈمى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقاندا، بولۇپمۇ كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ دائىمى ئەزاسى لو گەن باشچىلىقىدىكى مەركىزى تەبرىكلەش ئۆمىكى رايوننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

بۇ ۋەقە 1950 - يىللاردا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سابىق ۋالىسى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ، 1960 - يىللاردا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سابىق ۋالىسى مەمتىمىن نەئىمىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە مۇتەللىپ يۈسۈپ بۇ يىل 44 ياشلاردا بولۇپ، لوپنۇر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.