خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى


2005.10.02

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، تۈرلۈك داغدۇغۇلۇق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لوگەن ئۆز نۇقتىدا يەنە قايتىدىن مۇقىملىقى ۋە ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئاپتونوم رايون خەلقىنى مۇقىملىقنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

لو گەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۆزىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدىمۇ مۇقىملىق مەسىلىسى ۋە ئۈچ خىل كۈچكە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتىلگەن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش قاتارلىق مەركىزىي ئورۇنلارنىڭ تەبرىكنامىسىدىمۇ ئاپتونوم رايون خەلقىنى مۇقىملىقنى ساقلاپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارشىچە، خىتاي ئۈچۈن ھازىر ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇقىملىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش بولۇپ، ئۇلار بۇ رايوندا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورناتقانلىقىغا 56 يىل بولسىمۇ، لېكىن بىر كۈنمۇ خاتىرجەم بولالمىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 1-ئۆكتەبىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.