خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ ئورگانلىرىنى تەقدىرلىدى


2005.10.12

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جوۋ يوڭكاڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەقدىرلىدى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە 9 - ئاينىڭ 23 -كۈنىدىن 10 -ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ھەر خىل تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە بىڭتۈئەن ج خ ئورگانلىرى بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئامانلىق قوغداش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە گەرچە بۇ ئورۇنلارنىڭ "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىپ، بىر قاتار چوڭ تىپتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تارمار قىلغانلىقى شەرھىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئامانلىق قوغداش نامىدىكى بۇ ھەرىكىتىگە باشقىچە قاراشتا بولماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.