ئىلى دەريا ۋادىسىدا يۈز بەرگەن ھۆل - يىغىن ئاپىتىنىڭ سەۋەبىدىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 41 مىڭ 233 كە يەتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 20 مىليون يۈئەندىن ئاشقان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، 70 سائەتكە يېقىن توختىماي ياققان يامغۇر نەتىجىسىدە، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ سانى 3348 گە يەتكەن. ئاپەتتە، يۈزلىگەن چارۋا مال ئۆلگەن ۋە قوتانلار ۋەيران بولغاندىن سىرت، مەكتەپلەردىكى 40 نەچچە سىنىپقا سۇ كىرىپ، 7 سىنىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
غۇلجا شەھىرى، چۆچەك، چاپچال ناھىيىسى، غۇلجا ناھىيىسى، نىلقا ۋە تىكەس قاتارلىق جايلار بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ،، ئىلى ئوبلاستىغا تەۋە بىر قىسىم ناھىيە ۋە شەھەرلەردە ھۆل - يىغىن مىقتارى 5. 66 مىللىمېتىرغا يەتكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ جىددى ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.(ئەقىدە)