ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى' دەپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تۈنۈگۈن دۇنياغا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى' دەپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.10

 بۇ ھەقتىكى دوكلات ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات تېمىسى دېگەن ئورگان تەرىپىدىن نەق ھۆججەت ۋە فوتو سۈرەت دەلىللىرى ئاساسىدا تەييارلانغان.

بۇ دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى' دېگەن نام بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يېشى 8 دىن 14 ياشقىچە بولغان 160 نەپەر ئۇيغۇر بالىلىرىنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىغانلىقى؛ كۇچا، قەشقەرلەردە 'بىخەتەرلىكنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى قاتارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە دائىر دەلىل - پاكىتلارنى ئاشكارىلاپلا قالماي، چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى دېگەن ئاممىۋىي تەشكىلاتىنى، ھەتتا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىمۇ 'تېررورچى' دېگەن دائىرىگە قوشۇۋالغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنىمۇ، ھەتتا ھازىر يەنە 'خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن 200 مىڭ قوراللىق ساقچى سەپەرۋەر قىلغانلىقنىڭ دەلىل - پاكىتلىرىنى كۆرسەتكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.