كۈرەش مەقسۇد : تېررورلۇق تەھدىتى ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەقسۇد جۈمە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاتالمىش " تېررورچى"گۇرۇھلارنىڭ جىددىي تەھدىت ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ئەمەس، دەپ ئاقلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.01

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى قۇرغان " تېررورچى گۇرۇھلارنى تار ‏ - مار قىلغانلىقى، يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 82 نەپەر تېررورچى گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۈرەش مەقسۇد يۇقىرىقى سۆزلەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ، " بۇ يىل كىرگەندىن بېرى شىنجاڭدا ج خ ئورگانلىرى تېررورلۇق سۈيقەستىگە كىرىدىغان ۋەقەلەردىن پەقەتلا 3 - 4 نى پاش قىلدى"،دەيدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كۈرەش مەقسۇد،" يۈز بەرگەن كىچىك كۆلەملىك بىر قانچە ۋەقەنىڭ بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە " بىز بۇ تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ دۈشمەن كۈچلەر ئۈمىد قىلغاندەك زور كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز " دەيدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "شىنجاڭ"دىن كېلىدىغان تېررورلۇق تەھدىت مەسىلىسىدە قالايمىقان بايانلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات يېقىندا شاڭخەي، گۇيجۇ، كۈنمىڭلاردا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن خىتاي پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.

كۈرەش مەقسۇد بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان شۇ كۈنى، خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل ئەمەلدارى، پولكوۋنىك تيەن يىشياڭ، "شەرقىي تۈركىستان تېررورچى گۇرۇھلىرى" نىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.