ئابابەكرى قاسىم "نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى" دە گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلار ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى


2006.09.18

گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالبانىيىگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىر ئابابەكرى قاسىم "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" دە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن گۈئەنتانامودىكى تۇتقۇنلار ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

ئابابەكرى قاسىم مەزكۇر گېزىتنىڭ 17 - سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلغان ئوچۇق خەتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى "ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئاڭلىدىم، " دەيدۇ.

خىتايدا كومۇنىستلارغا تىنچ يوللار بىلەن قارشى تۇرۇپ ئۆزىگە ئوخشاش تۈرمىگە تاشلانغان ۋە باستۇرۇلغان كىشىلەرنى سورايدىغان مۇستەقىل سوت مەھكىمىلىرى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئابابەكرى قاسىم، "مېنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىغا بولغان ھۆرمىتىم ئەگرى توقاي يوللارنى بېسىم ئۆتتى، " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا خاتا ۋاقىت ۋە خاتا يەردە تۇرۇپ قالغانلىقىنى ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "مەن گۈئەنتانامودىكى يۈزلىگەن تۇتقۇنلارغا ئوخشاش ھېچبىر ۋاقىت تېررورچى ياكى ئەسكەر بولۇپ باقمىغان ئىدىم، " دەپ يازدى.

ئابابەكرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا قانۇنىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭ "دۇنياغا ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ياكى غەربكە تەھدىت ئەمەس، " دەپ جاكارلىشىغا ياردەمچى بولغان. ئۇ، " شۇڭا مەن قانۇن چىقارغۇچىلاردىن مەھبۇسلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى ۋە ئادالەتنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىنى سورايمەن، " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.