مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇلھېكىم مەخسۇمنىڭ ھايات كەچمىشلىرى

0:00 / 0:00
ablikimmehsum.jpg
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ئابدۇلھېكىم مەخسۇم

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ئابدۇلھېكىم مەخسۇم 1925 - يىلى دىيارىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە ئۇز ۋاقتىدا ھەممىگە تونۇلغان دىنى ئالىم ئابدۇجېلىل داموللاھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1993- يىلى 6- ئايدا قاغلىقتا ۋاپات بولغان. ياش ۋاقتىدا قەشقەرنىڭ خانلىق مەدرىسىدە، ھىندىستان ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئىلىم تەھسل قىلغان. ھاياتى بۇيىچە 3 قېتىم تۈرمىگە سولانغان. 22 يىل تۇرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 1980- يىلى قاغلىق شەھىرىدە مەكتەپ ئېچىپ 1990 - يىلغىچە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرگەن. مەرھۇمنىڭ يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ۋەتەن خەلق ئۈچۈن بەلگىلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي دوختۇرلىرى مەرھۇم ئابدۇلھېكىم مەخسۇمنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئاستا خاراكتېرلىك ئۇكۇل ئۇرۇپ ، ئۇنى قەستلەپ ئولتۇرۇۋەتكەن دېگەن قاراشلار مەۋجۇت.

مەرھۇمنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن مەرھۇمنىڭ ئاچقان مەكتىپىدە 2- قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى، شەرقي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇمنى زىيارەت قىلدۇق. (ئارسلان)

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئارسلاننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.