ئاۋىسترالىيە پۇقراسى ئۇيغۇر نۇرپولات ئابدۇللا قازاقىستاندا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان

ئاۋىسترالىيەدىكى ABC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېقىندا، ئاۋىسترالىيە پۇقراسى ئۇيغۇر نۇرپولات ئابدۇللانىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق پائالىيەت بىلەن شوغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر بەردى.

گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە 3 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن مۇخبىر مايكېل ۋېنسېنت ئاۋىسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقراسىنى قوغداشتا يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئاساس قىلىپ بۇ پروگراممىنى تەييارلىغان.

نۇرپولاتنىڭ ئايالى رابىيە ئابدۇللا تېلېۋىزوردا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ يولدىشى نۇرپولات ئابدۇللانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنى سوراققا تارتقانلىقىنى ۋە كېيىن ھېچقانداق پاكىت يوق ۋە ئوچۇق سوت ئاچمىغان ئەھۋالدىلا ئۇنىڭغا تېررورلۇق پائالىيەت بىلەن شوغۇللانغان دەپ 2001 - يىلى 10 - ئايدا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە ئابدۇللا يەنە، يولدىشى نۇرپولاتنىڭ قازاقىستان تۈرمىسىدە ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاۋىسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرپولات ئابدۇللا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاۋىسترالىيەگە چىقىپ،1986 - يىلى ئاۋىسترالىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ھەمدە كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن ئوغلىنى ئېلىپ قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ قازاقىستاندىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان ئىكەن. (پەرىدە)