خىتاي ھۆكۈمىتى پوسكاملىق يازغۇچى ئابدۇللا جامالنى قولغا ئالدى


2005.06.13

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا مارالبېشىلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەد ياسىننى قولغا ئېلىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 4 - ئايدا پوسكاملىق يازغۇچى ئابدۇللا جامالنى قولغا ئالدى.

ئابدۇللا جامال پوسكام ناھىيىلىك نېفىت بازار 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇ يىل 4 - ئايدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن "مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەسەرلەر يازغانلىقى ئۈچۈن" قولغا ئېلىنغان. پوسكامدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئابدۇللا جامالنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئۇنىڭ "مايبۇلاقتىكى پاجىئەلەر" ناملىق ئەسىرى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاپتور مەزكۇر ئەسىرىنى "قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى" غا نەشر قىلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىكەن.

ئەسەر نەشردىن چىقماي تۇرۇپ، ئاپتورى قولغا ئېلىندى. دائىرىلەر، ئابدۇللا جامالنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر يازغۇچىنىڭ تېخىچە پوسكامدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەدلىيە دائىرىلىرى ئابدۇللا جامالنى تېخى سوتلىمىغان. مەزكۇر دىلو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، يېرىم يىل ئىچىدە 2 - بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇللا جامال قولغا ئېلىنىشتىن سەل ئىلگىرى، ئوقۇغۇچىلارنى "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتتى،" دېگەن نام بىلەن پوسكام نېفىت بازار 1 - ئوتتۇرا مەكتىبىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن توختىتىپ قويۇلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.