خىتاي دائىرىلىرى ئابدۇخالىق مىجىتقا ئۆلۈم جازاسى بەردى


2007-01-12
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە 2 خىتاي ئوقۇغۇچىسىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئابدۇخالىق مىجىت ئىسىملىك ئۇيغۇرنى چاقماق تېزلىكىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

جاۋابكارغا ۋەقە سادىر قىلىپ بىر ئايغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە چاقماق تېزلىكىدە ئۆلۈم جازاسىغا بېرىلگەنلىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئادىللىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى.

ئابدۇخالىق مىجىتنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ ئوغلى بۇنىڭدىن ئاز دېگەندە بىر يىل بۇرۇن مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر مەكتەپتىكى سىڭلىسىغا قىلغان ھاقارىتىدىن ئىزا تارتىپ، ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ۋە ئابدۇخالىق مىجىت مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدىكى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاقتۇرالمىغان ئىدى.

ئابدۇخالىق مىجىت ئۆتكەن يىلى 20 - دېكابىر كۈنى پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپتىكى ئىككى خىتاي ئوقۇغۇچىنى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر ئوقۇتقۇچىنى يارىلاندۇرغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى ئابدۇخالىق مىجىتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئابدۇخالىق مىجىتنىڭ ئوغلى، سىڭلىسىنىڭ دەرس نەتىجىسى ناچار بولغانلىقىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار بەزى كىشىلەر قىزچاقنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ پورتىمىلىدىكى پۇلىنى ئېلىۋالغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنى تۇيۇپ قالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزنى مەكتەپ بويىچە سازايى قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئابدۇخالىق مىجىت ۋەقە سادىر قىلىشتىن بۇرۇن مەكتەپ دائىرىلىرى بىلەن قىزىنى سازايى قىلىشنىڭ خاتالىقى توغرىسىدا بىر يىل داۋالاشقان بولسىمۇ، لېكىن داۋاسىنى ئاقتۇرالمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت