شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋە 20 - ئەسىر ئۇيغۇر سىياسى تارىخىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى 3 - ئاۋغۇست كۈنى ئالماتادا 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئاتاغلىق ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى ئابدۇرەئۇف مەخسۇم ئىبراھىمى 1914 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياش ۋاقىتلىرىدا غۇلجا شەھىرىدە دىنىي ۋە پەننىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ھەمدە بوغالتىرلىق كەسپىنى ئۆگىنىپ، غۇلجا شەھىرىدە تونۇلغان بوغالتىرلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
ئۇ 1944 - يىلى 4 - ئايلاردا غۇلجا شەھىرىدە ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا، تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىپ، ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلاندى. شۇنداقلا ئۇ كېيىن، 1944 - يىلى 12 - نويابىردا غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىدى.
ئۇ 1950 - يىللاردا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 1962 - يىلى ئائىلىسى بىلەن ئامالسىز ھالدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، سوۋېت قازاقىستانىغا كۆچۈپ باردى. (پەرىدە)