ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇغقىنى بىلەن سۆھبەت
2008.01.22
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى 1980-يىلىدىن كېيىن باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 1990-يىللاردىن كېيىن دەرسلىك كىتابلاردىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئەمما چەتئەللەردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنماقتا.
يېقىندا تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تەييارلىغان بۇ ئەسەر تۇركىيىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇغقانلىرى بىزگە تېلېفون قىلىپ تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
بىز يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقىنى رۇخسارى خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق .
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورگىنالى تور بېتىگە قويۇلدى
- تۈركىيە دولەت مىنىستىرى د و ق ھەيىتىنى قوبۇل قىلدى
- تۈركىيىنىڭ5TV تېلېۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سۆھبەت
- مەرھۇم ئەدىپ باتۇر روزىنىڭ نەزىرى بېرىلدى
- ئاتاقلىق يازغۇچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچى ۋەكىللىرىدىن بىرى باتۇر روزى ئالەمدىن ئۆتتى









