كەۋسەر خانىم ئىنىسى ئادىل ئابلىكىم بىلەن جەم بولۇشنى تەلەپ قىلدى
2006.05.09
ئۆتكەن جۈمە كۈنى گۈەنتانامو لاگىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ئادىل ئابلىكىمنىڭ ھەدىسى كەۋسەر خانىم ئىنىسى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان شۋېتسىيىدە جەم بولۇشنى تەلەپ قىلدى. كەۋسەر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "ئىنىم بىلەن بۇ يەردە جەم بولۇش ۋە بۇ يەردە بىرگە ياشاش مېنىڭ ئارزۇيۇم " دەيدۇ.
كەۋسەر خانىم شۋېتسىيە پايتەختىنىڭ غەربىدە ستوكھولمغا بىر سائەت كېلىدىغان بىر جايدا ياشايدۇ. ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئادىل ئابلىكىم قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭغا قەدەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۋېتسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
كەۋسەر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن "خوشاللىقىدىن كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان" . كەۋسەر خانىم، "ئىنىمنى ئويلىمايدىغان بىر كۈنۈم يوق ئىدى" دەيدۇ.
كەۋسەر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ شۋېتسىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن 2001 - يىلى مەملىكىتىدىن ئايرىلغان ۋە قىرغىزىستان، پاكىستانلارنى كېزىپ يۈرۈپ 2002 - يىلى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ياردىمى بىلەن شۋېتسىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. لېكىن ئادىل ئابلىكىمنىڭ ھايات يولى ھەدىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاراڭغۇ ۋە ئەگرى- توقاي ئۆتتى. ئۇ 1999 - يىلى قىرغىزىستانغا سودا قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كېيىنكى چاغلاردا گۈەنتانامودىن تېپىلغىچە، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان.
كەۋسەر خانىم ئىنىسىنىڭ شۋېتسىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر ب د ت دىن بۇنداق بىر تەلەپ كەلمىگىچە ئادىل ئابلىكىمنىڭ شۋېتسىيىگە كېلىپ ھەدىسى بىلەن جەم بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوقتەك قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئالبانىيىنى گۈەنتانامۇدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە يەنە ئۈندىدى
- خىتاي ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن 5 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈچىگەنلىكىنى بىلدۈردى
- گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەشى قويۇپ بېرىلدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ