كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ ئادىل ئابلىكىمگە پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2008-02-01
Share

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ 2006 - يىلى گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالبانىيىگە ئورۇنلاشقان ۋە ئۆتكەن يىلى نويابىردا شۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئادىل ئابلىكىمگە سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئادىل ئابلىكىمنى قوللاش خېتىگە ئادۋوكاتلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، نيۇيوركتىكى ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇق مەركىزى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ياۋروپادا ئىندىۋىدۇئال ھوقۇقلار تەۋسىيە تەشكىلاتى، خېلسىنكى كومىتېتى، شۋېتسىيە مۇساپىرلار ۋە پاناھلانغۇچىلارنى قوللاش گۇرۇھى، جەنۋەدىكى خەلقئارا قانۇنچىلار كومىتېتى قاتارلىق 10 تەشكىلات ئىمزا قويغان.

خەتتە نېمە ئۈچۈن ئادىل ئابلىكىمگە سىياسىي پاناھلىق بېرىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، شۋېتسىيە تەن جازاسى بولمىغان، ئادىل ئابلىكىمگە ئوخشاش دۆلىتىگە قايتسا بولمايدىغان مۇساپىرلارنى قوينىغا ئالالايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي ئىكەنلىكىنى، ئالبانىيە بولسا ئۇيغۇر جامائىتى ياشىمايدىغان، ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن ياشاش ناھايىتى تەس دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەتتە يەنە، شۋېتسىيە ئادىل ئابلىكىمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ياشايدىغان بىردىن ‏- بىر دۆلەت بولۇپ، بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭمۇ ئادىلغا نىسبەتەن ياخشى ئىمكانىيەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئادىل ئابلىكىم 2007 ‏- يىلى نويابىردا شۋېتسىيىدە چاقىرىلغان بىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتكە كەلگەن ھەم ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتتىكى ئاچىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى. ئۇ شۋېتسىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئالبانىيىگە قايتمايدىغانلىقىنى ۋە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت