ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ 2006 - يىلى گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالبانىيىگە ئورۇنلاشقان ۋە ئۆتكەن يىلى نويابىردا شۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئادىل ئابلىكىمگە سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئادىل ئابلىكىمنى قوللاش خېتىگە ئادۋوكاتلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، نيۇيوركتىكى ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇق مەركىزى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ياۋروپادا ئىندىۋىدۇئال ھوقۇقلار تەۋسىيە تەشكىلاتى، خېلسىنكى كومىتېتى، شۋېتسىيە مۇساپىرلار ۋە پاناھلانغۇچىلارنى قوللاش گۇرۇھى، جەنۋەدىكى خەلقئارا قانۇنچىلار كومىتېتى قاتارلىق 10 تەشكىلات ئىمزا قويغان.
خەتتە نېمە ئۈچۈن ئادىل ئابلىكىمگە سىياسىي پاناھلىق بېرىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، شۋېتسىيە تەن جازاسى بولمىغان، ئادىل ئابلىكىمگە ئوخشاش دۆلىتىگە قايتسا بولمايدىغان مۇساپىرلارنى قوينىغا ئالالايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي ئىكەنلىكىنى، ئالبانىيە بولسا ئۇيغۇر جامائىتى ياشىمايدىغان، ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈچۈن ياشاش ناھايىتى تەس دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەتتە يەنە، شۋېتسىيە ئادىل ئابلىكىمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ياشايدىغان بىردىن - بىر دۆلەت بولۇپ، بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭمۇ ئادىلغا نىسبەتەن ياخشى ئىمكانىيەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئادىل ئابلىكىم 2007 - يىلى نويابىردا شۋېتسىيىدە چاقىرىلغان بىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتكە كەلگەن ھەم ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتتىكى ئاچىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى. ئۇ شۋېتسىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئالبانىيىگە قايتمايدىغانلىقىنى ۋە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)