تېخى يېقىندىلا قەشقەرگە كەلگەن ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادىل ھوشۇرنىڭ بۇ يېڭى پىلانى ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەتلىرى "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر تارقاتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئادىل ھوشۇر 13 - ئىيۇل كۈنى 2008 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئارقاندا، كىچىك مەشئەللەر ئورنىتىلغان تەڭشەكنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىكەن. سەددىچىن سېپىلىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خۇئايرۇ ناھىيىسى تەۋەسىدىكى يۈتەن جىلغىسىغا توغرا كېلىدىغان جايدىكى ئىككى سېپىل تۇراسىغا تارتىلغان بۇ پولات ئارقاننىڭ بوشلۇقتىكى ئېگىزلىكى 350 مېتىردىن 400 مېتىرغىچە كېلىدىكەن.
ئادىل ھوشۇر بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ، يېڭى رېكورت يارىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق، مەزكۇر خەۋەرنى ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئادىل ھوشۇرنىڭ بۇ تەۋەككۈلچىلىكىدىن پەخىرلەنسە، يەنە بەزىلىرى بۇنداق قىلىشنى ئەھمىيەتسىز ھېسابلاپ، ئۇنى خەتەرگە ئۆزىنى ئاتىماسلىققا دەۋەت قىلىشقان.