ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ساياھەتكە بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا "رايونغا بارىدىغان ياكى شۇ جايدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىقلار پىلانىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزدىن كۆچۈرۈپ، كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى سىنئالغۇ لىنتىسى تارقىتىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى باسقۇنچى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، خىتاي نىشانلىرىغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى، " تېررورچىلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاممىۋى نىشانلارنى ئايرىمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار ھەربىي ۋە ساقچىلار چەكلىك بولغان ياكى بولمىغان رايونلار ۋە چېگرا جايلاردا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن،" دەپ ئاگاھلاندۇردى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ساياھەتكە بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)