ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئېلىپ بارماقچى
2004.11.09
ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە ئاياللاردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى تۇرغۇزۇپ، مەزكۇر تۈرنى 2006 -يىلى 3 -ئايدا يولغا قويۇشنى قارار قىلغان..
خىتاي خەۋەر ئاگېنلىقلىرىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملۇنۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش كېسەلدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى بىلىم دائىرىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن مۇشۇ خىل ئاقىۋەت كېلىپ چىققان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئەيدىزدىن ساقلىنىش ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەشۋىقات خىزمەتلىرى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپلا قالماي، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن توي قىلىش رۇخسەت قىلىنىدىكەن، بىر قىسىم كىشىلەر قىسقىسى بۇ كېسەلنىڭ قان بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلقى ھەققىدىكى ئاددىي ساۋاتتىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەن.
ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ مەتبۇئاتلارغا ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيە تەرەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللاردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى ئۈچۈن 500 مىڭ يۇئەن نەق پۇل ئاجراتقان.
بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بۇ پۇلنىڭ نەق جايىغا ئىشلىتىلىشىدىن ئەندىشە ھىس قىلىدىكەن. (ئەقىدە)