بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاياللارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاياللار ئارسىدا تارقىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

23 - نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، دۇنيادىكى 34 مىليون ئەيدىز بىمارىنىڭ ئىچىدە يېرىمىغا يېقىنى ئاياللار بولۇپ، بۇ سان 1998 - يىلدىكىدىن يۈزدە 41 ٪ ئاشقان.

ئىككى يىلدىن بېرى، شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى يىلدا بولۇپمۇ خىتاي ھىندىنوزىيە ۋە ۋېتنامدا بۇ كېسىل ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى رايون ئەيدىز ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، ئۇ يەردە يېشىغا توشقان يۈزدە 25 ٪ ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان، كارايىت دېڭىزى رايونىدا 15 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئەيدىزدىن كېلىپ چىققان. (ئەقىدە)