ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېز ئاشماقتا


2004.11.25

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، بۇ يىل 9 - ئايغىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 9346 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تىزىمغا ئالدۇرغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 85٪ ئى ئەرلەر، ٪ 15 ئى ئاياللار بولۇپ، كۆپىنچىسى 40 ياشتىن تۆۋەن ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشىدىن ، شۇنىڭدەك جىنىسىي ئالاقە ۋە ئانىنىڭ بالىغا يۇقتۇرىشى قاتارلىق يوللار بىلەن تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تېز ئېشىۋاتقان بولۇپ، جىنسىي ئالاقە ۋە ئانىنىڭ بالىغا يۇقتۇرىشى بارغانسىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىكى ئاساسلىق ۋاستىگە ئايلانماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىروسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايون. چەتئەلدىكى بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ ئەمىلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن ھەسسىلەپ كۆپ بولىشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ كەمسىتىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.