ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىمغا ئېلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 20 مىڭغا يەتكەن

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2004 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ تىزىملىكىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان بەڭگىلەرنىڭ سانى 20 غا يەتكەن. بۇ سان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۇپۇسىنىڭ 1.18 ٪ نى ئىگىللەيدىكەن.

"شىنجاڭ پايتەخت گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانى، خىتاي بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار ئومۇمى نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىدە ئىنتايىن جىددى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن. بىراق مۇتەخەسسىسلەر، ئەمىلىيەتتىكى ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. زەھەرلىك چېكىملىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يامىراپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق قاناللارنىڭ بىرى.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 15 ۋىلايەت ۋە ئوبلاست، 84 ناھىيە ۋە شەھەرگە تارقالغان بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان بەڭگىلەرنىڭ سانى ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجىدا ئەڭ كۆپ ئىكەن.

جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار 2004 -يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا زەھەرلىك چېكىملىك دىلوسىدىن 628 نى بىر تەرەپ قىلغان. شۇ يىلى 8 - ئايدىن 12 - ئايغىچە 845 زەھەرلىك چېكىملىك دىلوسىنى پاش قىلغان. بىراق خىتايلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش سىياسىتىنى تەنقىت قىلغۇچىلار، ساقچىلارنىڭ سىمۋۇل خاراكتىرلىك زەربە بېرىشنى ئاساس قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىلار بىلەن يەڭ ئىچىدە سودىلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)