ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش پروگراممىسى بۇ ئايدىن باشلاپ، ئەيدىز مەسىلىسى ئېغىر بولىۋاتقان ھەر قايسى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا كېڭەيتىلدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پروگرامما بويىچە، كىيىنكى بىر يېرىم يىل ئىچىدە ھەر قايسى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىدىكىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتايدا ئەيدىز ۋىروسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى مەلۇم بولغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ٪ 90 دىن كۆپرەكىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىكنى چىكىش ئارقىلىق يۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرى زەھەرلىك چىكىملىك چەككۈچىلەرنى يىغىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەرلەردىكى ئەيدىز ۋەزىيىتى كەسكىن ھېسابلانماقتا.
ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان بىر ساقچى ھەتتا غۇلجىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان زەھەرلىك چىكىملەرنى تاشلاتقۇزۇش مەركەزلىرىدە ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)