ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزگە قارشى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتمەكچى


2005.06.06

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھىرىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدنىڭ ئەيدىز ۋىروسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھىرىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە 30 مىليون يۈئەن پۇل ئاجرىتىپ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرى، ساقچىلار، دىنىي زاتلار ۋە ئاھالىلەر ئارىسىدا ئەيدىز ۋىروسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتمەسلىك تەربىيىسىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك مېدىتسىنا خادىملىرى ۋە بىر قىسىم "زۆرۆر" مەبلەغلەرنى ئاجرىتىدىكەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە كونكرېت قانچىلىك مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن.

ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگراممىسىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، بۇ پروگراممىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن .

ئۇيغۇر ئېلى، خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىروسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايۇنلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 10 مىڭغا يىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھىرىگە توپلاشقان.

بىراق كۈزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.