ئۈرۈمچىدە ئەيدىز كېسىلى تىز تارالماقتا
2005.10.12
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 4386 گە يەتكەن.
خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە بىر شەھەردە مەۋجۇت بولغان ئەمەلىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى، بايقالغانلار سانىنىڭ 5 تىن 10 ھەسسىسىگىچە بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاز دېگەندە 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 1995 -يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلار سانى ھەر يىلى تەخمىنەن 400 دىن قوشۇلۇپ ماڭغان. ئەمما ئۆتكەن يىلى بۇ ساندا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، بىر يىلدا 600 كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.
كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 400 گە يەتكەن. ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ھازىر ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋالدا تۇرماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى
- ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزگە قارشى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتمەكچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى
- ئاۋسترالىيىنىڭ ئەيدىز ياردەم پروگراممىسى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا كېڭەيتىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىمغا ئېلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 20 مىڭغا يەتكەن