ئۇيغۇر ئېلىدە 3 ئايدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 400 ى بايقالدى
2005.11.06
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ يېقىندا مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل 6 - ئايدىن 9 -ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە 3 ئاي ئىچىدىلا يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 400 ئى بايقالغان.
شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 11303 كە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىرى 311 كىشى بولۇپ، ھازىرغىچە 83 كىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. بۇ پەقەت ئېنىقلانغان كېسەللىكلەرنىڭ دوكلاتى بولغاچقا، سەھىيە ئىدارىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىي ئەيدىز ئەھۋالىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئېغىرلىقىنى ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئاز دېگەندە 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت - ئوبلاستىدا، 75 ناھىيە-شەھەرلىرىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھازىر يەنە تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا ئىكەن. خىتاي خەۋەر تورىدا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا تەكشۈرۈپ بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 4386 گە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدىمۇ ئاز دېگەندە 20 مىڭ كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى: جوڭگودا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار 120 مىڭدىن ئاشتى
- ئۈرۈمچىدە ئەيدىز كېسىلى تىز تارالماقتا
- ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى
- ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزگە قارشى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتمەكچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى