خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن 12- ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، ئەدىلىيە نازارىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدۇ. تەكشۈرۈش ئىككى تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ. بىرىنچى تۈركۈمدە، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى خادىملار، ئىلگىرى قان ساتقانلار، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ رەپىقىسى ۋە بالىلىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى تاللاپ تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ بۇ يىل 12- ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن كىلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. ئىككىنچى تۈركۈمدە، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، جىنىسىي كېسەللىك بىمارلىرى ۋە جىنىسىي سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ھامىلدار ئاياللار تاللاپ تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ كىلەر يىلى 2 - ئايدىن 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايون. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغان. ئۇيغۇر ئېلىدە شۇنداقلا مەخسۇس ئەيدىز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئورنىمۇ يوق ئىدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئۇيغۇر ئېلىدە تۈنجى قېتىم بولۇپ، تەكشۈرۈلىدىغان ئادەملەر سانىنىڭ 150 مىڭغا يېتىدىغانلىرى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئارزۇ)