ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئانا - بالىلار ئەيدىز پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەن شەھەر - ناھىيىلەر كۆپەيدى


2005.12.30

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئانا - بالىلار ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىشدىن مۇداپىئە كۆرۈش پروگراممىسى يولغا قويۇلىدىغان رايونلار داۋاملىق كۆپەيمەكتە.

مەزكۇر پروگرامما ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى جىلىليۈز ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى ۋە كۇچار قاتارلىق جايلار ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن 2006 - يىلى 1 - يانۋاردىن تارتىپ، ئانا - بالىلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا بىر - بىرىگە ئەيدىز كېسىلى تارقىتىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش پروگراممىسى يولغا قويۇلىدىغان شەھەر ۋە ناھىيىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

مەزكۇر پروگرامما 2003 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر ئىككى شەھەردە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پروگراممىنىڭ يۇقىرىقى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە يولغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇر ئىلىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى مەمەت ياسىن پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر پروگرامما يولغا قويۇلغان ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، " نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەر ئەڭ كۆپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغان ئاياللار داۋاملىق كۆپەيمەكتە" دەپ تەكىتلىگەن. "

تەڭرىتاغ تور بېتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2005 - يىلى - 1 ئايدىن 11 - ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە 60 نەپەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.

تەڭرىتاغ تورى، "بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 32 نەپەر ھامىلدار ئايالغا ئانا - بالىلارنىڭ بىر - بىرىگە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىشىنى توساش بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى،" دەيدۇ. ئەمما ئانىنىڭ قارنىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىلارغا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توساش بويىچە قانداق " داۋالاش" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.