ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى ئاشماقتا
2006.02.16
خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن شەھەر بويىچە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 4926 ئادەمگە يەتكەنلىكى، 2004 - يىلىدىكىدىن 959 ئادەم ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ شەھەردىكى 27 جىنسىي كېسەللىرىنى داۋالاش ئورنىدىن ئېنىقلىشىچە، جىنسىي كېسەللەر ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى بۇرۇنقىدىن ئاشقان ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر جۈملىدىن ئۆپكە توبېركۇليوزى ۋە جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ تارقىلىش نىسبىتىمۇ ئاشقان.
مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرى ۋە شارائىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى شۇنىڭدەك يەنە ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭمۇ ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە .(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئانا - بالىلار ئەيدىز پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەن شەھەر - ناھىيىلەر كۆپەيدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە چوڭ كۆلەمدە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقچى
- ب د ت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە 3 ئايدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 400 ى بايقالدى