غۇلجا پۇقرالىرىنىڭ ئەيدىز ۋە HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچىتىدۇ

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئىلى ۋىلايەتلىك كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش پونكىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەھىيە ئورگانلىرى بۇ يىل 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، بۇ ئىككى شەھەردىكى ئەيدىز ۋە HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر، دەپ قارالغان رايونلاردا نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، غۇلجا شەھىرىدە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.

ئىلى ۋىلايەتلىك كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش پونكىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى، ئەيدىز ۋە HIV نىڭ غۇلجا شەھىرىگە تارقىلىش ئەھۋالىنى " تېگى يوق قۇدۇق " دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىز ۋە HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۈرۈمچىدە كۆپ ئىكەنلىكى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن نوپۇس سانىغا سېلىشتۇرغاندا غۇلجا شەھىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " تەكشۈرۈش غۇلجا شەھىرىدىكى ئەيدىز ۋە HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر، دەپ قارالغان نۇقتىلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلدى " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا شەھىرى بويىچە 6000 ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن ئۇ، تەكشۈرۈشنىڭ قايسى رايونلاردا ۋە قايسى مىللەتنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان مەخپىيەتلىك ئىكەن.

لېكىن بىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى سەھىيە دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىش نەتىجىسىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ 88 % نى ئۇيغۇرلار، قالغان 12 %نى خىتاي قاتارلىق باشقا مىللەتلەر ئىگىلىگەن. ئىلى ۋىلايەتلىك كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش پونكىتىنىڭ يۇقىرىقى خادىمى، ھازىرغىچە غۇلجا شەھىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ 4500 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى تېخى بايقالمىغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس دوكتور جاستىن رودېلسۇن، ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغان مىللىي خەۋپ خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىدىن كۆپەرەك، ئەيدىزنىڭ تەھدىتى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى مەلۇم باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنى كونترول قىلىش مۇمكىن بولمايدىكەن. (ئەركىن)