ئۈرۈمچىدە يېرىم يىلنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 1185 نەپەر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچى بايقالدى


2006.08.23

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىم يىلى ئىچىدىلا يېڭىدىن 1185 نەپەر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچى بايقالغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى مۇدىرى جاڭ ئەيخۇانىڭ بىلدۈرىشىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 3 ‏-ئورۇندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولسا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

1995‏- يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقىلىپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە، بۇ سان تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، نۆۋەتتە تىزىمغا چۈشكەن ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5790 كىشىگە يەتكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرى يىلىغا 400 دىن ئاشمايدىكەنتۇق. ئەمما بۇ يىللىق ئەھۋال كىشىنى چۆچىتىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى 6 ئاي ئىچىدىلا 1185 كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى 16035 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇنى خەلقئارالىق ھېسابلاش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي سانى 60 مىڭدىن ئاشىدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.