ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىزلەر سانى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى
2006.10.16
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ، رايوننى دۇنيادا ئەيدىز كېسلى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرماقتا.
يۇرتۇم تۆربېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاخىرقى 9- ئاي ئىچىدە يېڭىدىن 4732 كىشى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئېلى رايونىدىلا ھەر 100 ئايالنىڭ ئىچىدە بىرى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان.
ستاتېستىكا قىلىنىشىچە، 2005- يىلى 30- سىنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 11303 بولغان بولسا 2006- يىلى 30- ئىيۇنغا كەلگەندە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16035 گە يەتكەن. (قانات)
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە يېرىم يىلنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 1185 نەپەر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۇقتىلىق ئەيدىز دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 60 مىڭدىن ئاشقان
- غۇلجا شەھىرىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى خىتاي بويىچە تېز بولدى