ئۇيغۇر خەلقى ئەيدىز تېررورلىقىغا دۇچ كەلمەكتە
2006.10.17
"شىنجاڭ خەۋەر تورى" دا 10 ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئۆمىكى ئۈرۈمچىدە ئاچقان يىغىندا، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جايدا 2005 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 11303 بولۇپ، بۇ سان 2006 - يىلى 6 - ئايغا كەلگەندە 16035 كە يەتكەن.
دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تىز سۈرئەت بىلەن ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئاپتونوم رايونىدا خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى ھەدەپ كۆپەيتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆتكەن 9 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا 4732 نەپەر ئەيدىز بىمارى كۆپەيگەن. مۇشۇ ھېساب بويىچە، بۇ رايوندا ھەر كۈنى 17 نەپەر ئەيدىز بىمارى پەيدا بولۇپ تۇرماقتا.
مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش -كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خوياڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئۆمىكى پەقەت ئىلى رايونىدىلا 100 ھامىلدار ئايالنىڭ بىرى ئەيدىز بىمارى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنى بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز تېررورلىقىغا دۇچ كەلمەكتە دەپ قارىماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىزلەر سانى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى
- ئۈرۈمچىدە يېرىم يىلنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 1185 نەپەر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۇقتىلىق ئەيدىز دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 60 مىڭدىن ئاشقان
- غۇلجا شەھىرىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىمەكتە