خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسەللىكلىرى مائارىپى قار لەيلىسى تەشكىلاتىنى بىكار قىلدى.
ئەيدىز كېسەلللىكلىرى مائارىپى قار لەيلىسى تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىشىچە، ھۆكۈمەت مەزكۈر تەشكىلاتنى، يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي گەرچە، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىنئالا ئۆزلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئورگانلىرىغا تىزىملىتىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن قانۇنلۇق ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.
قار لەيلىسى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىندا ، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇقى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ، مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئوچۇق تەنقىد قىلغان بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ تەشكىلات بىكار قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ تارقىلىۋاتقان رايون بولۇپ، بۇ رايوندا ئەيدىزگە قارشى يېتەرلىك تەدبىر ئېلىش ھەققىدە تەشۋىقات ئىنتايىن كەمچىل ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن مائارىپ تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان قار لەيلىسى تەشكىلاتىنى بىكار قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. (ئەقىدە)