بېيجىڭ " ئەيجىشىڭ" ئەيدىز تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلدى

بېيجىڭدا ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان "ئەيجىشىڭ" ئەيدىز تەتقىقات ئورنى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ قار لەيلىسى ئەيدىز تەشكىلاتىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى " پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئۇيۇشۇش ھوقۇقىغا قارشى ئېلىپ بارغان يېڭى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىىش " دەپ تەنقىدلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جۇڭگو ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي يوللار بىلەن ئەيدىزگە قارشى بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنى تارقىتىۋىتىشىدۇر " دەپ كۆرسەتتى.

باياناتتا، "شىنجاڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر رايون بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئەيدىزگە قارشى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا يەنىلا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسى تۇتماقتا " دەيدۇ. باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى رايوندا خەلقنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئاكتىپچانلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان قار لەيلىسى ئەيدىز تەشكىلاتىنى تاقىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى ئىلىدا ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ھاراقكەشلىككە قارشى تۇرغان ئىلى مەشرەپ ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرىنى " دىنىي ئەسەبىيلەر "دەپ باستۇرغان ئىدى. (ئەركىن)