ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى


2005.06.06

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى "قەرەللىك بومبا" دەپ ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز كېسىلى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىرىلىدە جىنسى سودىدىن كېلىپ چىقسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسلىقى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەڭ خەتەرلىك رايونلارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن. مەزكۇر ئورگاندىكى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي نوپۇسىنىڭ 5 - 6 ٪ نى تەشكىل قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى كەڭ تارقالغانلىقىنى، ھەتتا ئوچۇق - ئاشكارە چېكىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا تېز تارقىلىشىغا ساۋاتسىزلىق ۋە نامراتلىقنىڭ سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزدىن ساقلىنىشقا ئېتىۋار بەرمەسلىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان" دەپ تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 40 - 50 ٪ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن. خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى دائىرىلەر، "خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ئى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ،" دەپ قارىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.