شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - نويابىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرىسى بولغان ئالاتاۋدىكى، ئالاتاۋ چېگرا باشقۇرۇش كومىتېتى، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ئالاتاۋنى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان.
ئالاتاۋ خىتاي بويىچىمۇ نېفىت تۇرۇبىسى، تاش يول ھەم تۆمۈر يولدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ترانسىپورت لىنىيىسى بىرلەشكەن بىردىن - بىر چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. 1991 - يىلىدىن بۇيان ئالاتاۋنىڭ ئىمپورت - ئېكىسپورت مىقدارى يىلىغا %26 كە يېقىن سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ بارغان بولۇپ، 11 يىل ئۇدا مەملىكەت بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇننى ساقلاپ كەلگەن. بۇ يىل 1 - ئايدىن10 - ئايغىچە ئالاتاۋ چېگرىسى ئارقىلىق توشۇلغان مال 140مىڭ 300 توننىغا يەتكەن.
پىلان بۇيىچە ئالاتاۋ شەھەر دائىرىسى 27.65 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا قۇرۇلماقچى بولۇپ،خەۋەردە ئالاتاۋ چېگرا باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكوم سېكرىتارى چۈ خاڭنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاتاۋنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىمپورت - ئېكىسپورت سۈرئىتىگە ماس ھالدا، چېگرا ئەتراپىدا 300 دەك شىركەت ھەم ئورۇنلار قۇرۇلغان. نوپۇسى 30 مىڭغا يەتكەن. ئالاتاۋنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن دائىرىلەر بۇ چېگرانى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر شەھەر بولۇش پىلانى ئىشقا ئاشسا، ئالاتاۋدا نېفىت خىمىيە پىششىقلاپ ئىشلەش ھەم كان بايلىقلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر بۇيىچە نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى، ئىختىساسلىقلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىلىدىكەن.
ئالاتاۋ چېگرا رايونى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ كەڭ تۈزلەڭلىككە جايلاشقان شامال ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ، يەر تۈزۈلۈشىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى بۇ جايدا يىلىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 165 كۈن 8 بال ئەتراپىدا شامال چىقىدۇ.
ئالاتاۋغىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا، خىتاي سودىگەر ھەم كۆچمەنلىرى كۆپلەپ ئورۇنلىشىۋاتقان بولۇپ، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاتاۋنى شەھەر قىلىشنى پىلانلىشى، بارغانچە ئېشىۋاتقان كۆچمەن نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم باشقۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. (گۈلچېھرە)