ئالبانىيە: بەش ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى خىتاي - ئالبانىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

ئالبانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافايىچ، ئالبانىيە دائىرىلىرىدىن سىياسى پانالىق تىلىگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، گۇەنتانامودىن كەلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مەسىلىسى جوڭگو - ئالبالىنىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تېررورچى ئەمەس، دەپ ئاقلانغان 5 ئۇيغۇرنى تېررورلۇق تەشكىلات ئەزاسى، دەپ ئەيىبلىمەكتە ۋە ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ئەمەتنى مۇخبىرلارغا سۆزلىتىپ، ئامېرىكىنى خەلقئارا تېرورىزىمغا كۈرەشنى ئاقساتتى، دەپ ئەيىبلىگەن.

مۇستافايىچ، جوڭگو ئالبانىيە مۇناسىۋتى بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن تەسىر ئۇچرىمىدى، دەيدۇ. مۇستافايىچنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ يىل كۈزدە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى بىكار قىلىنمىغان. ئۇ، زىيارەت جەريانىدا خىتاي بىلەن ئالبانىيىنىڭ " سىياسى، دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادى ئالاقىسى" كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مۇستافايىچ، 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سىياسى پانالىق تىلەش ۋەقەسىنى ئۆزگىچە پەۋقۇكللادە ئەھۋال، دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى بۇ بەش ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى ئالبانىيە ئاساسى قانۇنى ، قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلاشماقتا.

ئالبانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، گەرچە مۇستافايىچ بۇ ۋەقە خىتاي - ئالبانىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ مەسىلىدە باشقىچە كۆز قاراشتا ئىكەن. بۇ 5 ئۇيغۇر ئالدىنقى ھەپتە گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالبانىيەگە ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن بۇ جەرياندا ھېچكىمگە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان. مۇساپىرلارنىڭ ئادۋوكاتى تۇتقۇنلارنىڭ تېخى خەتەردىن قۇتۇلمىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)