ب ب س ئاگېنتلىقى ئالبانىيىدىكى بەش نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى


2007.01.14

8-يانۋار كۈنى خىتاي پامىر تاغلىق رايونىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ بىر ھەربىي مەشق بازىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئاتالمىش 18 نەپەر تېررورچىنى ئۆلتۈرۈپ، 17 نى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ تېما خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن ئالدى.

ئەنگىلىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي تىلى پروگراممىسى 14- يانۋار كۈنى ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى قويۇۋەتكەن ھەمدە ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنى بازا تەشكىلاتىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلىرى دەپ ھېسابلاپ، تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچى -ئابا بەكىر قاسىم، ئادىل ئابدۇلھېكىم ۋە ئەخمەد ئادىل بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرى ھەم ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك "خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى يەنى تۈركىي تىلىدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى" بىلدۈرۈشكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر بەش نەپەر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ئالبانىيىدىكى تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى، ئالبانىيە خەلقىنىڭ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن، ئابا بەكىر ئالبانىيىنىڭ ناھايىتى كەمبەغەلىكىنى ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ھەرگىزمۇ خىتايغا باش ئەگمەيدىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشقان. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئالبان تىلىنى ئۆگىنىپ، بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ئابا بەكىر گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بەش يىللىق قورقۇنچلۇق چۈش ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ قىسقا مۇددەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.