ئالبانىيىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ھاياتىنى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە


2007-06-11
Share

ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن گۇناھسىز دەپ ئاقلىنىپ ئالبانىيىگە جايلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇر ياش ئالبانىيىدىكى ھاياتىدىن بارغانچە ئۈمىدسىزلەنمەكتە.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىى 10- ئىيۇن كۈنى ئالبانىيىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ھالى خېلى خارابلاشقان بولۇپ، ئەختەر قاسىم باسىت مۇنداق دەيدۇ: "بىز گۇئانتانامودا ئازاپ تارتتۇق، لېكىن بۇ يەردىمۇ ئىزچىل ئازاپلانماقتمىز. باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈرمىداشلار ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېتىشتى، ئەمما، بىز يېتىم بالىدەك بارىدىغان يېرىمىزمۇ يوق".

ئۇلار ئالبانىيىدە خىزمەت قىلاي دېسە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەچكە خىزمەت قىلىش رۇخسەتنامىسىغا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، ھازىر ئايلىق بېرىلىدىغان 67 دوللارغا ۋە سۈپىتى ناچار قۇتقۇزۇش تامىقىغا تايىنىپ سېرىقتال ھايات كەچۈرىدىكەن.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىت يەنىلا تۈرمىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەتراپى ساقچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر مۇساپىرلار لاگېرى ئىكەن. ئۇلار، ھازىر ئۇ يەردە نە كەلگۈسىگە ئېنىق بىر جاۋاب بېرەلمەي، نە ئۆزىنىڭ ھازىرقى مۇھىتىنى ياخشىلاشقا يول تاپالماي روھىي ئازاپ چەكمەكتە ئىكەن.(جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت