ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بارغانچە ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پېتىپ بارماقتا
2007.10.17
ئامېرىكىنىڭ كۇبا گۈەنتانامو ساھىلى ھەربىي تۈرمىسىدىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە جايلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە 1 يېرىم يىل بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئانچە كۆپ ياخشىلىنىشلار بولمىغان بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىشىچە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بارغانچە ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پېتىپ بارماقتا ئىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىپ ئېلان قىلىنغان " گۈەنتانامودىن كېيىن، قۇرۇق ھۆرلۈك: ئالبانىيىدىكى چۈشكۈن ئۇيغۇرلار" تېمىلىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئۇلار ئالبانىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن ھاياتىنى يېڭىدىن باشلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى يالغان ۋەدىلەر تۈپەيلى كۆپۈككە ئايلانغان ئىكەن.
شۇ بەش ئۇيغۇر ياشنىڭ ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق ئابابەكرى قاسىم" بىز بۇ يەردە، بالا- چاقىلىرىمىزنى چاقىرىپ كېلىپ، ئوقۇپ، ئىشلەپ ئۆز ئالدىمىزغا ئۆي تۇتۇپ مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ھاياتنى گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ھاياتقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ" دېگەن.
ئۇ يەنە ، گەرچە ئۇلار گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ، كەلگۈسىگە ئىنتايىن ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئابابەكرى قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئالبان تىلىنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلالماي، ئۇلار كۆپىنچە ۋاقىتنى مۇساپىرلار لاگىرىدىكى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بالا-چاقىلىرىنى، يۇرت- مەھەللىنى سېغىنىش ئىچىدە ئۈمىدسىز ئۆتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالبانىيىگە قويۇپ بېرىلگەن بەشەيلەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 نەپەر ئۇيغۇر ياش 2001- يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، پاكىستان چېگرىسىدا يەرلىك خەلق تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇپ، يەرلىك خەلق ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى 5000 دوللاردىن ئامېرىكا تەرەپكە سېتىۋەتكەن ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى گۇئەنتانومو ھەربىي لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى
- سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرى 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادادىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشنى ئۆتۈندى
- كانادا ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسى پاناھلىق بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان
- سېربىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى كوسوۋانى سۈنئىي ھەمرا دۆلىتى قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىدى
- گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار ئامېرىكا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنالماسلىقى مۇمكىن
- ئاختىسارى كوسوۋانى مۇستەقىل قىلىدىغان پىلانىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماقچى
- گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمە شارائىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- ب ب س ئاگېنتلىقى ئالبانىيىدىكى بەش نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى