ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتتىكى كېلەچىكى بەك پارلاق بولماسلىقى مۇمكىن
2006.06.13
ئالبانىيە دائىرىلىرى گۇەنتانامودىكى ئەسىرلەر لاگىرىدە 4 يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكەن ئايدا ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ دۆلەتتىكى كېلەچىكى بەك پارلاق بولماسلىقى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا ۋە ئۇلارنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
ئالبانىيە مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ كومىسارى ئارگىتا توتوزانى، كانادادا چىقىدىغان "تورونتو يۇلتۇزى" گېزىتىگە، ئالبانىيە بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر بۇ دۆلەتتە قالسا مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن، دېگەندە بىخەتەرلىكنى ئەمەس، مەدەنىيەت جەھەتتىكى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتماقتا، دەپ كۆرسەتتى. " ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى بۇ يەردە ئەمەس " دەپ تەكىتلىگەن ئارگىتا توتوزانى، " بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى يوق، ئۇلار ئالبان تىلىنى بىلمەيدۇ...... ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتكە ماكانلىشىش مۇمكىنچىلىكى يوق. بىز ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى ئالبانىيىدە، دەپ قارىمايمىز" دەيدۇ.
"تورونتو يۇلتۇزى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ئادۋوكاتلىرى بۇ 5 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان باشقا بىر دۆلەتنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. لېكىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلار، بۇ كىشىلەرنى ئامېرىكىغا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى رەت قىلىنغان " ھۆكۈمەت قارارى"بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر ئىچىدە كانادانىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن توتوزانى، " ئۇيغۇرلارنىڭ كانادادا ياخشى بىر جامائىتى بار " دەيدۇ. ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئالبانىيە ئىقتىسادى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇساپىرلار سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان دۆلەت ئەمەس. ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى خوسەين كارادماند، ئالبانىيە شەرقتىن كەلگەن مۇساپىرلار غەربكە ئۆتۈدىغان " ئۆتكۈنچى بىكەت" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى
- ئالبانىيە: بەش ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى خىتاي - ئالبانىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
- ئىسمايىل ئەمەت ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى
- كەۋسەر خانىم ئىنىسى ئادىل ئابلىكىم بىلەن جەم بولۇشنى تەلەپ قىلدى