ئالبانىيە ھۆكۈمىتى 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئالبانىيە ھۆكۈمتى بايانات ئېلان قىلىپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇر ياشقا پاناھلىق بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا مەتبۇئاتدا چىققان خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

6‏- ئاينىڭ 15‏- كۈنى ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ،ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇرنى باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا مەتبۇئاتدا چىققان خەۋەرلەر توغرا ئەمەس. بۇ خەۋەرلەر ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

ئالبانىيە ھۆكۈمىتى، ئالبانىيە دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ھەمدە خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن مەزكۇر كىشىلەرگە ياشاش شارائىىتى يارىتىپ بەردى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئالبانىيىدە جەمئىيەتكە ماسلىشىپ ياشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ، دېيىلگەن.

ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قانۇنلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالبانىيىدە قىلىشىنى قارشى ئالدىغانلىقى ھەمدە ئالبانىيىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق بىلدۈرۈپ قويغانلىقى تەكىتلەنگەن.

6‏-ئاينىڭ 14‏- كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش نەپەر ئۇيغۇرغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغانلىقى، ئۇلارنى باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان ئىدى. (ئەقىدە)